Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مايسۇر ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى迈索尔战争
mài suǒ ěr zhàn zhēng
ⅧⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەنگلىيىنىڭ جەنۇبىي ھىندىستاندىكى ماسۇر دۆلىتىنى بويسۇندۇرۇشتىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى. جەمئىي تۆت قېتىم بولغان. (1) 1767 - 1769-يىللىرى. ئەنگلىيە ھەيدەر ئابات ۋە ماراتا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ (1766)، مايسۇرغا تاجاۋۇز قىلغان، لېكىن ھەيدەر ئەلى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن. 1793-يىلى 3-ئايدا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان، 4-ئايدا ئەنگلىيە مايسۇر بىلەن يەنە مۇداپىئە ئىتتىپاقى تۈزگەن (2) 1780 - 7841-يىللىرى. ئەنگلىيە شەرتنامىگە ئاساسەن، ھەيدەر ئەلىنىڭماراتلىقلارغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتىن باش تارتقان ھەمدە قوشۇن چىقىرىپ ماخقا ھۇجۇم قىلغان. مايسۇر قوشۇنى كارناتىكقا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئەنگلىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، لېكىن پورتونوۋو (1781-يىلى 7-ئايدا)، پولىلور (1781-يىلى 8-ئايدا) ۋە شولىڭخۇر (1781-يىلى 9-ئايدا) ئۇرۇشلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان. 1782-يىلنىڭ ئاخىرىدا ھەيدەر ئەلى كېسەل بىلەن قازا قىلغان، تەختكە سۇلتان تىپۇ ۋارىسلىق قىلىپ، داۋاملىق ئەنگلىيە قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. 1783-يىلى 5-ئايدا مانگالورغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، مۇھاسىرىدە قالغان ئەنگلىيە قوشۇنىنى سۈلھ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. 1784-يىلى 3-ئايدا ئىككى تەرەپ <مانگالور سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ئىگىلىۋالغان رايونلارنى ئالماشتۇرغان. (3) 1790 - 1792-يىللىرى. ئەنگلىيە مايسۇرغا قارشى ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈپ، مايسۇرنىڭ پايتەختى - سېرىنگاپاتامغا ھۇجۇم قىلغان. 1792-يىلى 3-ئايدا سۇلتان ھاقارەتلىك شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، ور مىقداردا تۆلەم تۆلىگەن، دۆلەت زېمىنىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ بەرگەن، بۇ زېمىننى ئەنگلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى - مارتا، ھەيدەر ئابات بۆلۈشۈۋالغان. (4) 1799-يىلى 2 - 5-ئايلاردا، سۇلتان ئەنگلىيىنىڭ <قوشۇمچە پۇل تۆلەش شەرتنامىسى> نى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغاچقا، ئۇرۇش قايتا باشلانغان. 2 ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگلىيە قوشۇنى مالۋېلدا سۇلتاننى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە 4-ئاينىڭ 17-كۈنى سېرىنگا پاتامنى مۇھاسىرە قىلغان. مايسۇر قوشۇنى ۋە خەلقلىرى قان كېچىپ جەڭ قىلغان، سۇلتان قازا تاپقان. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سېرىنگا پاتام قولدىن كېتىپ، مايسۇر ئەنگلىيە قارىمىقىغا ئۆتۈپ كەتكەن، جەنۇبىي ھىندىستانمۇ ئەنگلاىيە مۇستەملىكىچىلىرگە قارشى تۇرۇش مەركىزىدىن مەھرۇم بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.