Uyghurئاساسىي لۇغەت
مايسا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈكنىڭ يېڭى ئۆسۈپ چىققىنى، ياش ۋاقتى.
«بىخ» دەل - دەرەخنىڭ يېڭىلا چىققىنى، «ناتا» خېلى ئۆسكىنى.
«مايسا» زىرائەتنىڭ يېڭى ئۆسۈپ چىققىنى.
ئەتىياز كەلدى، دەرەخلەر بىخ سۈردى. ياغاچنى نوتا چېغىدا ئەگ. مايسىنى يولۇپ ئۆستۈرمەك _ ئەخمەقلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زىرائەتنىڭ ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىنكى بەشتىن - ئالتە سانتىمېتىر ئۆسكەن يۇمران تېنى.
بۇغداي مايسىسى. قوناق مايسىسى. مايسا كۆچۈرمەك. مايسا ئېتىزى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
مايسىخان، مايسىگۈل
زىرائەتنىڭ ئۆسۈش دەۋرىدىكى ئاتىلىشى (بۇ يەردە مايسىدەك يۇمران ۋە گۈزەل دېگەن مەنىنى بېرىدۇ)