Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماينېتىس جۇمھۇرىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى美因茨共和国
měi yīn cí gòng hé guó
ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە بۇردۇئازىيىسى رېين رايونىدا قۇرغان دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت. 1792-يىلى گېئورگى فوستېر (1754 - 1794) باشچىلىقىدىكى گېرمانىيە بۇرژۇئا دېموكراتلىرى فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ياكوبىن كۇلۇبىغا تەقلىت قىلىپ، ماينېتىس شەھىرىدە <خەلق دوستى ئۇيۇشمىسى>نى قۇرغان. شۇ يىلى 10-ئايدا، فرانسىيە قوشۇنى بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، <رېين گېرمانىيە خەلق قۇرۇلتىيى> نى چاقىرىپ پەرمان جاكارلاپ، بەگ - ئاقسۆڭەكلەر ۋە راھىبلاrنى قوغلاپ چىقىرىپ، اېئوداللىق ئىمتىياز ۋە يانچىلارنىڭ بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلغان. باج ۋە ئىجارە ھەقىنى كېمەيتكەن ۋە كەچۈرۈم قىلغان ھەمدە 1793-يىل 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ماينېتىس ۋە شۇ ئەتراپتىكى جايلارنىڭ جۇمھۇرىيەت بولغانلىقىنى جاكارلىغان. گېرمانىيە بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئاجىزلىقى ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشىنىڭ يېتەرسىزلىكى تۈپەيلىدىن، 1793-يىلى 6-ئايداپرۇسسىيە ئارمىيىسى ماينېتىسنى قايتا ئىشغال قىلغان، جۇمھۇرىيەت مەغلۇپ بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.