Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماھىر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۈنەر - كەسىپنى پۇختا ئىگىلىگەن كىشى.
<باشى> خەنزۇچە: 把戏. ئەسلى <سېرىك>، <ھىيلە>، ئۇيغۇرچىدا مەنىسى ئۆزگەرگەن.
<سەلقىلىغ> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر مۇقامدا يورغىلار. تۆمۈرنى بولقا سوقماس، ئۇستا سوقار. ۋاقىتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر كىشىنىڭ ۋاقتى مەڭگۈ كەڭتاشا. روزەك باشى راۋاپقا ئۇستا ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
يۇقىرى ماھارەتكە ئىگە بولغان، ماھارەتلىك، ئۇستا.
ساڭا ئوخشاش ئىلمى نۇجۇمغا ماھىر ساتىراشنى ئۆمرۈمگە كېلىپ كۆرمىگەنىدىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئۇستا، ئەپچىل