Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماھمۇد
دائىرە: دۇنيا تارىخى马赫茂德
mǎ hè mào dé
(؟ - 1829) ئافغانىستاننىڭ سادوزائى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1800 - 1803، 1809 - 1818). ئەھمەد شاھ دۇررانىنىڭ نەۋرىسى. ھېراننىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. 1800-يىلى يالاك زائى جەمەتىدىن فاتخ خاننىڭ (؟ - 1842) قوللىشى بىلەن ئاكىسى زامان شاھنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزى شاھ بولۇۋالغان. شاھلىق تەختىنى تالاشقۇچى شۇجانى (تەخمىنەن 1780 - 1842) نى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1803-يىلى شۇجاتەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، تەختتىن چۈشۈرۈلگەن. 1809-يىلى يەنى شۇجانى مەغلۇپ قىلىپ، تەختكە قايتا چىققان. كېيىنكى مەزگىلدە ئەخمەق، زالىم بولۇپ، ئەيش - ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتكەن. 1818-يىلى فاتىخقا زىيانكەشلىك قىلىپ، ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. شۇ يىلى، پالاك زائى جەمەتى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ھېراتقا قېچىپ كەتكەن، پېرسىيىگە بېقىنغان.
دائىرە: دۇنيا تارىخى玛末德
mǎ mò dé
(؟ -1528-يىلى) <مىڭ سۇلالىسى تارىخى> دا سۇلتان ماھمۇد دەپ ئاتىغان. مالاككا پادىشاھلىقىنىڭ سۇلتانى (1488 - 511). 1511-يىلى، پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى مالاككانى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن پاخاڭغا چېكىنگەن. ئارقىدىن جوخورېغا بېرىپ، جوخورې سۇلتانلىقىنى بەرپا قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە دېڭىزدىن ئۆتۈپ بىنتان ئارىلىدا پايتەخت قۇرغان. 1526-يىلى، بىنتان ئارىلىنى پورتۇگالىيە قىوشۇنى بېسىۋالغان، ماھمۇد دېىزدىن ئۆتۈپ سۇماتراغا كەتكەن، كېيىن شۇ يەردە ئۆلگەن. ئۇنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئوغلى ئالاۋىددىن ۋارىسلىق قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.