Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماگۇس
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى پېرسىيە زورور ئاستېر دىنى (ئاتەشپەرەسلىك) كاھىنىنىڭ نامى. ئەسلى مېدىيە پادىشاھلىقى كاھىننىڭ نامى بولۇپ،مىلادىدىن 550 يىل ئىلگخرى كۈرۇس Ⅱ مېدىيىنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن، پېرسىيە ئىمپېرىيىسى شۇ نامنى قوللانغان. مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى سىياسىي ئۆزگىرىش ياسىغان گائۇماتا مېدىيىنىڭ ماگۇسى ئىدى. ماگۇس چوقۇم پاك ياشىسى ھەمدە مۇقەددەس كىتاب <ئاۋېستا> نى ئوقۇپ تەتقىق قىلىشى لازىم ئىدى. دارىئۇس Ⅰ زوروئاستېر دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن، ماگۇس تەبىقىسى دۆلەتتە ناھايىتى زور ھوقۇققا ئىگە بولغان.