Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماگېللان
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
麦哲伦
mài zhé lún
دۇنيا تارىخى
麦哲伦
mài zhé lún
(تەخمىنەن 1480 - 1521) پورتۇگالىيە دېڭىزچى. رىتسارلىقتىن كېلىپ چىققان. 1505 - 1512 يىللىرى ۋە 1513 - 4151-يىللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پورتۇگالىيىنىڭ ھىندىستان ۋە ماراكەشتە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىدە خىزمەت ئۆتىگەن. پورتۇگالىيە كورۇلى مانۇئېل Ⅰ گە غەرب تەرەپتىكى سۇ يولى بىلەن ىۋاسىتە مالاككا تاقىم ئاراللىرىغا (ھازىرقى مالاككا تاقىم ئاراللىرى) بارىدىغان سۇ يولىنى ئىزدەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغان. 1517-يىلى ئىپسناىيىگە بېرىپ، مۇھاجىر بولۇپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇزاق ئۆتمەي ئىسپانىيە كورۇلى كارلوس Ⅰ نىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرگەن. 1519-يىل 9-ئاينىڭ 20-كۈنى كورۇلنىڭ ئەمىرى بىلەن ماگېللان باشچىلىقىدىكى 265 نەپەر دېڭىزچى بەش كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئىسپانىيىنىڭ سان لۇكار پورتىدىن يولغا چىقىپ، ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ، بىرازىلىيىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرىنى بويلاپ جەنۇبقىا قاراپ يۈرۈپ، جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئوتلۇق يەر ئارىلى ئوتتۇرىسىدىكى بوخسان - خولتسىئون دېڭىز بوغۇزى (بۇ، كېيىن ماگېللان بوغۇزى دەپ ئاتالغان) ئارقىلىق تىنچ ئوكيانغا كىرگەن. يەنە داۋاملىق غەربكە قاراپ يۈرۈپ، 1501-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى فىلىپىنگە يېتىپ كەلگەن. ماكتان ئارىلىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئارىلاشقانلىقتىن، 4-ئاينىڭ 27-كۈنى يەرلىك خەلقلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. 1521-يىلى 11-ئايدا قالغان دېڭىزچىلار مالاككا تاقىم ئاراللىرىغا يېتىپ كەلگەن، ئۇ يەردە خۇش پۇراق دورا - دەرمەكلەرنى ئالغاندىن كېيىن بىردىنبىر ئامان قالغان <ۋىكتورىيە> ناملىق يەلكەنلىك كېمىسىنى ھەيدەپ، ھىندى ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، ئافرىقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئارقىلىق 1522-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى سان لۇكار پورتىغا قايتىپ كەلگەندە ئارانلا 18 كىشى ھايات قالغان. بۇ قېتىمقى يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرى، يەر شارىنىڭ يۇمىلاق شار شەكلىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتنى ئىسپاتلاپ چىققان. بۇ، ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە <جۇغراپىيىلىك چوڭ كەشپىيات> قا قاراڭ.