Uyghurئاساسىي لۇغەت
مافۇچۇ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1794 - 1874)چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇددەرىس، ئۆلىما. يۈننەن دالىفۇدىى شاگۇەنلىك، خۇيزۇ. كىچىكىدە ئۆگىنىشكە قىزىقىپ، دىنىي كىتابلارنى ئوقۇغان. ئەرەپچە ۋە پارسچىنى پىششىق ئىگىلىگەن. داۋگۇاڭنىڭ 16 - يىلى (1836) گەنسۇ، شىنجاڭغا بېرىپ بىلىم تەھسىل قىلغان. 1841 - يىلى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلغان ھەمدە مىسىر، سۈرىيە، تۈركىيە، سىنگاپور قاتارلىق جايلاردا سەككىز يىل يۈرگەن. جۇڭگوغا يېنىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈننەنگە قايتىپ، ۋەز ئېيتقان. ھەر تەرەپتىن كېلىپ ئۇنىڭدىن تەلىم ئالىدىغانلار كۆپ بولغان. 1856 - يىلى يۈننەننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خۇيزۇلارنىڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان. كېيىن مارۇلۇڭغا ئەگىشىپ چىڭ سۇلالىسىغا ئەل بولۇپ، يۈننەن - گۇيجۇنىڭ ۋالىسى، جەنۇبىي يۈننەندىكى خۇيزۇلارنىڭ ئىمامى بولغان. ئاخىر يۈننەن - گۇيجۇنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ۋالىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. مافۇچۇ ھاياتىدا <تۆت دىنىي ئۇسۇلنىڭ خۇلاسى>، <مىرساد>، <ئاللاغا مەدھىيە>، <ئەمسالۇل تەنبىھات>، <ھەج سەپەرلىرى> قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋاڭ دەييۈي، ماجۇ، ليۇجى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرىگە ئاساسەن، <ئەۋلىيالارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇزۇندە>، <مەجالىسۇن ئېرشاد>، <ئەل ئۇسۇل فىتتەسەۋۋفىل ئىسلام ئىزاھاتى>، <ھەدىس شېرىپ> نى ۋە مەدرىسە تەربىيىسىدە قوللىنىلىدىغان گرامماتىكا، لوگىكا دەرسلىكلىرىنى تۈزۈپ چىقتى. <قۇرئان كەرىمدىن بەش پارە> نى يەنى <قۇرئان كەرىم> نىڭ ئەڭ بۇرۇنقى خەنزۇچە تەرجىمىسىنى ئىشلىدى. بۇ زات ۋاڭ دەييۈي، ليۇجى، ماجۇ بىلەن بىر قاتاردا خۇيزۇلارنىڭ مەشھۇر تۆت ئۆلىماسىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.