Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماداغاسقار پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
ماداغاسقار ئارىلىدىكى فېئدال پادىشاھلىق. 1018 - يىلى لاداما Ⅰ مېرىنا پادىشاھلىقىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن، سىرتقا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ئارالدىكى كۆپ قىسىم جايلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۆلەت نامىنى ماداغاسقار پادىشاھلىقى دەپ ئۆزگەرتكەن. 20 - يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 40 - يىللارغىچە ئەنگلىيە، فرانسىيەنىڭ تاجاۋۇزىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈرگەن. 1895 - يىلدىكى فرانسىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەغلۇپ بولۇپ، فرانسىيە بىلەن شەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبور بولۇپ فرانسىيەنىڭ ھامىيىلىقىنى ئېتراپ قىلغان. 1898 - يىلى فرانسىيەنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى دۆلەت بولۇپ قېلىپ، فرانسىيە باش ۋالىيسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان.