Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ماچىن ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى马辰战争
mǎ chén zhàn zhēng
ھىندۇنېزىيىنىىڭ كالىمانتان ئارىلىدىكى ماچىن خەلقىنىڭ گوللاندىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇشى. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىنىڭ باشلىرى گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ماچىن پادىشاھلىقىنىڭ (يەنى بانجېرماسىن دۆلىتى) تەخت ۋارىسى ماجىراسىغا قول تىقىپ، ماچىننى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1859 - يىلى گوللاندىيە ئۆزىنىڭ ماچىندىكى كان ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ماچىن سۇلتانىنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور قىلىپ، ماچىن پادىشاھلىقىنى مۇستەملىكە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش رايونى دەپ ئېلان قىلغان. ماچېننىڭ ۋەزىرى ھىداياتۇللا خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ مۇستەملىكىچى قوشۇن بىلەن ئىككى يىل كەسكىن جەڭ قىلغان. 1862 - يىلى گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇش مەغلۇپ بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.