Uyghurئاساسىي لۇغەت
ماچى ھاكىمىيەت ئىجراچىسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ئېسو شوگونلۇقى مەزگىلىدىكى ئەمەل مەنسەپ نامى بولۇپ، ئۈچ ئىجراچىنىڭ بىرى. 1604 - يىلى تەسىس قىلىنغان. ئادەتتە پەقەت ئېدو كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئېدوماچى ھاكىمىيەت ئىجراچىسى دېيىلىدۇ. ئېدونىڭ مەمۇرىي، ئەدلىيە، ساقچى ئشىلىرىنى باشقۇرغان. شتاتى ئىككى نەپەر بولۇپ، بەزىدە كۆپەيتىلگەن ياكى كېمەيتىلگەن. سامورايلار ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا كيوتو، ئوساكا قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەردىمۇ تەسىس قىلىنىپ، شۇ جاينىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. دۆلەت ھاكىمىيەت ئىجراچىسى (بىۋاستە باشقۇرۇلىدىغان مۇھىم جايلاردا تەسىس قىلىنغان ئىجراچىنىڭ ئومۇمى نامى) نىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولغان. ۋاسساللار ئۆزلىرىنىڭ شەھەر قەلئە بازارلىرىدىمۇ شۇ خىل ئەمەلنى تەسىس قىلغان.