Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لىئون
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر里昂
lǐ áng
فرانسىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، رونا دەرياسى بىلەن سوئىن دەرياسىنىڭ قوشۇلغان يېرىگە جايلاشقان مۇھىم سانائەت شەھىرى. ئاھالىسى 457 مىڭدىن ئوشۇق بولۇپ، فرانسىيە بويىچە پارىژ، مارسېل شەھەرلىرىدىن قالسا ئۈچىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلىنىدۇ. لىئون يەر ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرىدىن شىمالىي ياۋروپاغا بارىدىغان مۇھىم قاتناش يولى ئۈستىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ، لىئون مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 43 - يىلى سېلىنغان، 15 - ئەسىردىن باشلاپ فرانسىيىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى بولۇپ، ئۆزىنىڭ يىپەك توقۇمىچىلىق سانائىتى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. ھازىر لىئون شەھىرى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى توقۇمىچىلىق سانائىتىدىن سىرت، خىمىيىۋى تالا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ماشىنىسازلىق، ئېلېكترون، ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىل، ھېسابلاش ماشىنىسى قاتارلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن فرانسىيە بويىچە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. لىئون فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مۇھىم سۇ، قۇرۇقلۇق قاتناش تۈگۈنى، بۇ جايدىن يەتتە تارماق تۆمۈر يول دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى پارىژغا، شەرقىي جەنۇبتىكى گرېنىۋېل شەھىرىگە، جگنۇبتىكى تۇلون، مارسېل پورتلىرىغا، غەربتىكى نانت، بوردو، تۇلوزا قاتارلىق شەھەرلەرگە تۇتىشىدۇ.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى莱昂〈新西〉
lái áng 〈xīn xī 〉Dتارىخ
里昂
lǐ ángDئۇنىۋېرسال
里昂
lǐ áng
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.