Uyghurئاساسىي لۇغەت
لى خۇەن
دۇنيا تارىخى
(941 - 1005) ۋېيتنامنىڭ ئالدىنقى لى سۇلالىسىنى قۇرغۇچى. ئەيجۇلۇق. ئەسلى دىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى - ئون ئۆلكە قوشۇنىنىڭ سانغۇنى. 979 - يىلى، دىڭ بۇلىڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەمدىلا ئالتە ياشقا كىرگەن ئوغلى دىڭ شۇەننى پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزغان، ئۆزى ئورۇنباسار خان بولۇپ، ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن. 1980 - يىلى ئۆزى پادىشاھ بولۇۋېلىپ، يىلنامىنى تيەنفۇ قىلىپ ئۆزگەرتكەن. ئىككىنچى يىلى سۇڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، كېيىن سۇڭ سۇلالىسى بىلەن يارىشىپ، سۇڭ سۇلالىسى ئۇنى جاۋجى ۋىلايىتىنىڭ ۋاڭى قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە نەنپىڭۋاڭ قىلىپ ئۆستۈرگەن. ھۆكۈم سۈرگەن چاغدا قانال قېزىپ، ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ئۆزىنڭ 11 ئوغلىنى ۋاڭ قىلىپ تەيىنلەپ، ھەرقايسى جايلارنى مۇھاپىزەت قىلغان. 1002 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئون ئۆلكىنى ۋىلايەت، ئايماق، مەھكىمە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. ۋاڭلارنىڭ ئىچكى تالاش - تارتىشى، يەرلىك مۇشتۇمزورلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى، دېھقانلارنىڭ قوزغىلىڭى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىن دۆلەتتە داۋالغۇش بولۇپ، تەرەپ - تەرەپتە دەھشەتلىك باستۇرۇش ئېلىپ بارغان. سىرتقا قارىتا 982 - يىلى جەنچىڭغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇنىڭ پايتەختى يىنتولوپولونى ئىشغال قىلىپ، تالان - تاراج قىلغان. ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سانغۇن لى گوڭيۈەن (1009 - يىلى) لى سۇلالىسىنى بەرپا قىلغان، ئالدىنقى لى سۇلالىسى مۇنقەرز بولغان.