Uyghurئاساسىي لۇغەت
لۇئاڭ پىبۇل
دۇنيا تارىخى
(1897 - 1964) تولۇق ئىسمى لۇاڭ پىبۇل سوڭگرام. <لۇئاڭ> بىر خىل مەرتىۋە نامى. تايلاند زۇڭلىسى (1938 - 1944، 1948 - 1957). 1916 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسىېرلار مەكتىپنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيە توپچىر مەكتىپىدە ئوقۇغان. 9271 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شىجاڭى بولغان. 1932 - يىلى <24 - ئىيۇن> سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قاتناشقان. كېيىن دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرى، بەلگىسىز مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1938 - يىلى 12 - ئايدا كابېنت تەشكىل قىلىپ، زۇڭلى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە، تاشقى ئىشلار، ئىچكى ئىشلار منىستىرى بولغان. 1940 - يىلنىڭ ئاخىرى ياپونىيىنىڭ قوللىشى بىلەن، فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىچىنغا ھۇجۇم قىلىپ، تايلاند - فرانسىيە ئۇرۇشىنى قوزغىغان. 1941 - يىلى 12 - ئايدا، ياپونىيە بىلەن ئىتتىپاق شەرتنامىسى تۈزگەن ھەمدە ئۆزىنى قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىلىرىنىڭ مارشاللىقىغا ئۆستۈرگەنق. 1942 - يىلى 1 - ئايدا، تايلاند ھۆكۈمىتى نامىدىن ئەنگلىيە، ئامېرىكىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 1944 - يىلى 7 - ئايدا تەختتىن چۈشۈشكە مەجبور بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1947 - يىلى تۈرمىدىن چىققان. ئىككىنچى يىلى 11 - ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، يېڭىۋاشتىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ھەمدە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1948 - يىلى 4 - ئايدا يەنە بىر قېتىم كابىنېت تەشكىل قىلغان. 1957 - يىلى 9 - ئايدا شالى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. ياپونىيىدە ئۆلگەن.