Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
卢希一巴戈特协定
دۇنيا تارىخى
رۇش - باگوت كېلىشىمى
ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 1817-يىلى تۈزۈلگەن ئامېرىكا - كاندا چېگرىسى ۋە چوڭ كۆل (ئاتلانتىك ئوكيان كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دىكى دېڭىز ئارمىيىسى مەسىلىسىنى ھەل قىىش كېلىشىمى. ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسدا 1814-يىلى تۈزۈلگەن گېنت سۈلھ شەرنامىسى< ئامېرىكا - كاندا چېگرىسى چوڭ كۆل دېىز ئارمىيىسى مەسلىسىدىكى دەتالاشنى يەنىلا تولۇق ھەل قىلالمىغان. شۇڭلاشقا 1817-يىلى 4-ئايدا ئامېرىىكنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رۇش بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى باگوت ئۇشبۇ كېلىشىمنى تۈزگەن. بۇنىڭدا ئامېرىكا بىلەن كانادا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چوڭ كۆلدىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نىسبىتى بەلگىلەنگەن؛ ئامېرىكا كانادانى قوشۇۋېلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ، كانادانىڭ ئەركىن - مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلغان؛ ئەنگلىيە كانادانى بازار قىلىپ تۇرۇپ ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچكەن.