Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
卢息塔尼亚
دۇنيا تارىخى
لۇسىتانىيە
قەدىمكى ئىسپانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رايون. ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىدا بولۇپ، شەرق ۋە شىمال تەرەپتىن تاررا كونېنسېس رايونى بىلەن، جەنۇبىي تەرەپتىن بېتىكا رايونى بىلەن، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تۇتىشىدۇ. تەخمىنەن بۈگۈنكى پورتۇگالىيە ھەمدە ئىسپانىيەنىڭ پورتۇگالىيە چېگرىداش ئۆلكىلىرى سالامانكا ۋە كاسېرېس ئىككى ئۆلكىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئاھالىسى ئاساسەن لۇسىتانىلار بولغان. لۇسىتانىلار كىلتانلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، باتۇر، ئۇرۇشقاق بىر خەلق ئىدى. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە بۇ يەرگە رىملىقلار باستۇرۇپ كىرگەن. لۇسىتانىيىلىكلەر رىملىقلارغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. چارۋىچى ۋىرىئانۇس باشچىلىقىدىكى قوشۇن باسقۇنچىلارنى كۆپ قېتىم يەڭگەن. كېيىن (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىر ئوتتۇرلىرىدا) يېڭىلگەن. تەخمىنەن مىلادىدن Ⅰ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە رىملىقلار تەرىپىدىن ئۈزۈل - كېسىل بويسۇندۇرۇلغان. مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى رىم ھۆكۈمرانلىقىدىكى بىر ئۆلكە بولغان. ئاۋگۇستا ئېمېرىتا شەھىرى مۇھىم شەھەر ھېسابلىنىدۇ. غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى يىمىرىلگەندە مەزگىلدە، يەنى Ⅴ ئەسىردە غەربىي گوتلار ئىسپانىيىنى ئىگىلىگەن (غەربىي گوت پادىشاھلىقىنى قۇرغان). Ⅷ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە بۇ يەرنى ئەرەبلەر ئىگىلىگەن.