Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لۇساكا
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,ئۇنىۋېرسال
卢萨卡
lú sà kǎ
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر卢萨卡
lú sà kǎ
زامبىيىنىڭ پايتەختى، دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى، زامبىيىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى. لۇساكا دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان، ئۇنىڭ جايلاشقان ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 1265 مېتىر ئېگىز كېلىدۇ، شەھەر ئاھالىسى 680 مىڭدىن ئاشىدۇ (1981). بۇ شەھەر 1905 - يىلى قۇرۇلغان. 1935 - يىلدىن كېيىن مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇھىم ھۆكۈمرانلىق مەركىزىگە ئايلانغان. زامبىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بېكىتىلگەن، لۇساكا زامبىيىنىڭ مۇھىم سانائەت مەركىزى. بۇ جايدا توقۇمىچىلىق، مېتالچىلىق، سېمونت، كاۋچۇك، ماشىنىسازلىق، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى بار. شەھەرنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى زەمبېزى دەرياسىغا چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى سېلىنغان. شەھەردە ئاتاقلىق ئۆسۈملۈك باغچىسى بار، بۇ ئۆسۈملۈك باغچىسىدا 3000 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. لۇساكا شەھىرىدە خەلقئارا ئايرودرومى، ئالىي مەكتەپلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرى، ساياھەت ئورۇنلىرى بار.
GetWord كۇللىياتى
9卢萨卡
卢萨卡【地名】
lú sà kǎ9卢萨卡
卢萨卡【世界各国】
lú sà kǎ
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.