Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
洛林
دۇنيا تارىخى
لوررىن
فرانسيەدىكى ۋىلايەت ۋە قەدىمقى ئۆلكىنىڭ نامى. فرانسىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىتتپاق گېرمانىيىسىگە تۇتىشىدۇ. مىلادى Ⅹ ئەسىردىكى يۇقىرى لوررىن كىنەزلىكىنىڭ زېمىنىغا تەڭ كېلىدۇ. يۇقىرى لوررىن ⅡⅩ ئەسىردىن تارتىپ <لۇررىن> دەپ ئاتالىشقا باشلىغان. 1552 - يىلى فرانسىيە كورۇلى ھېنرى Ⅱ لوررىن چېگرىسى ئىچىدىكى مېتىز، تۇئىل، ۋېردۇن قاتارلىق ئۈچ ئېپىسكوپ رايونىنى تارتىۋالغان. 30 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا فرانسىيە 1633 - يىلى پۈتكۈل لوررىن زېمىنىنى بېسىۋالغان. 1697 - يىلى لوررىد مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىگە ئۆتكەن. 1737 - يىلى فرانسىيەنىڭ قورچاق بېقىندى رايونىغا ئايلىنىپ، ئەسلىدىكى پولشا كورۇلى سىتانسىلاۋ Ⅰ لېنىشىنىسكىي (1677 - 1766) نىڭ ئۆمۈرلۈك زېمىن بولۇپ قالغان. 1766 - يىلى فرانسىيەگە قوشۇۋېتىلگەن. 1871 - يىلى پروسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، لوررىنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە ئېلزاس قاتارلىق جايلار فرانسىيەدىن گېرمانىيىگە كېسپ بېرىلگەن. 1919 - يىلى <ۋېرسال ئەھدىنامىسى> غا ئاساسەن فرانسىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن. 1940 - يىلى يەنە گىتلېر تەرىپىدىن گېرمانىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. 1945 - يىلى فرانسىيە يەنە بىر قېتىم لوررىنغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. لوررىن ھازىر ميۇس (مۇس دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، موزېل، موزېل - مىيۇرت ۋە ۋوسگېس قاتارلىق تۆت ئۆلكىگە بۆلۈنگەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
luò lín
لوررىن