Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
洛克
دۇنيا تارىخى
لوك
(1632 - 1704) ئەنگلىيەلىك پەيلاسوپ. دەسلەپكى يىللىرى ئوكسىفورد داشۆسىدە ۋە تىبابەت ئۆگەنگەن. 1660 - يىلىدىن تارتىپ، ئوكسىفوردتا گرېك تىلى، ستىلىستىكا ۋە پەلسەپىدىن دەرس ئۆتكەن. 1667 - يىلىدىن كېيىن، بىر مەھەل سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ھەمدە چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ تۇرغان. شەرەپلىك ئىنقىلابتىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1691 - يىلى سىياسىي ساھەدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ، تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. پەلسەپىدە، باكون ۋە ھوببېسنىڭ تەلىماتىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىلىمنىڭ مەنبەسى تۇيغۇ دېگەن نۇقتىئىنەزەرنى ئىسپاتلاپ، ئەنگلىيە ماتېرىيالسىتىك تەجرىبىچىلىك نەزەرىيىسىگە ئاساس سالغۇچى بولۇپ قالغان. تۇغما تالانت نۇقتىئىنەزىرىگە قارشى چىقىپ، ئادەمنىڭ كۆڭلى بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ئادەم دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ئىگە بولغان تەجرىبىسى بىلىشنىڭ مەنبەسى بولىدۇ دەپ ھېسابلىغان. سىياسىي جەھەتتە، پادىشاھلىق ھاكىمىيەتنى ئىلاھ ئاتا قىلغان دېگەن تەلىماتقا قارشى تۇرۇپ، ھوقۇقنى ئايرىش نۇقىتئىنەزەرىنى ئوتتۇرغا قويغان. قانۇن تۈزۈش، مەمۇرىي ھاكىمىيەت ۋە ئىتتىپاقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ھوقۇقنى ئايرىشنى تەشەببۇس قىلغان. پارلامېنتلىق تۈزۈمنى ھىمايە قىلىپ، ھۆرلۈك ۋە كەڭچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما دۆلەتنىڭ ۋەزىپىسى خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغداش دەپ تەكىتلىگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <ھاكىمىيەت توغرىسىدا>، <مائارىپ ھەققىدە>، <ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى توغرىسىدا> قاتارلىقلار بار.
ئىستېتىكا
luò kè
لوك (1704 - 1632)، ئەنگىلىيىلىك تەجرىبىچىلىك پەيلاسوپى، تەجرىبىچىلىك ئىستېتىكىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى.Dدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
洛克〈美〉
luò kè
لوكې، لوكېرDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
洛克〈美〉
luò kè
لوكې، لوكېرDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
luò kè
لوكې، لوكېرDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
luò kè
لوكې، لوكېرDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
洛克〈菲〉
luò kè
لوكDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
洛克〈菲〉
luò kè
لوك