Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
萝卜
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
تۇرۇپ
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تۇرۇپقا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان يېرىلغان بولىدۇ؛ گۈلى ئاق ياكى سۇس سۆسۈن رەڭدە، ئاق يىلتىزى يوغان بولۇپ، سېلىندىر ياكى شار شەكلىدە
كېلىدۇ؛ پوستىنىڭ رەڭگى سورتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ؛ ئادەتتە كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. تەمى چۈچۈمەل.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە يىلتىزى، ئۇرۇقى ۋە پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۇرۇقى ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، سەيگە ئىشلىتىلىدىغان بېشى ئىككىنچى
دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، بەلغەم بوشىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ ئۇرۇقىدىن ئۈچ گرام، سۈيىدىن توققۇز گرام، تۇرۇپنىڭ ئۆزىدىن 60
گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
تۇرۇپنىڭ يوپۇرمىقىنى پىشۇرۇپ، زەيتۇن يېغى ياكى سېرىقماي بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، يەللەرنى تارقىتىپ، تاماقنى
سىڭدۈرىدۇ.
تۇرۇپتىن ياغ چىقىرىپ قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاقتىكى سوغۇقلۇق ۋە يەلنى تارقىتىدۇ.
تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە گۈل يېغى قۇيۇپ، ئوتتا قويۇپ، قاينىغاندا ئېلىپ ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە،
قۇلاقتىكى يەللەرنى تارقىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
تۇرۇپنىڭ سۈيىنى گۈل يېغى بىلەن قاينىتىپ، ئىلمان ھالدا قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قولاقتىكى سوغۇقلۇق ۋە يەللەرنى تارقىتىپ، ئاغرىق
پەسەيتىدۇ.
تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىنى كۆزگە تارتىپ بەرسە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.
تۇرۇپنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ كۆزگە تېڭىپ بەرسە، كۆزنىڭ تېگى تەرىپىدىكى قىزىللىقنى يوقىتىدۇ.
تۇرۇپنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ كۆزگە تاڭسا، كۆزگە چۈشكەن سۇنى يوقىتىدۇ.
تۇرۇپنى قاينىتىپ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنى قاينىتىپ، سۈيىنى سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ غار - غار قىلىپ بەرسە، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، تاماقنى سىڭدۈرۈپ، جىگەر ۋە تالنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، ئىستىسقا
ۋە يەرقان قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىدىن 30 گرام ئىچىپ بەرسە، تاشلارنى چۈشۈرىدۇ.
تۇرۇپ يوپۇرمىقىنىڭ سۈيىگە سىركەنجىۋىل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، تاش چۈشۈرىدۇ.
تۇرۇپنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىگە چامغۇر ئۇرۇقىنى تولدۇرۇپ، ئاغزىنى بېكىتىپ، خېمىرنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ، ئوتقا كۆمۈپ
پىشۇرۇپ، ھەسەلگە قوشۇپ ئۈچ كۈن ئۈزمەي ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.
تۇرۇپنىڭ ئۇرۇقىنى ئېزىپ، شاراب بىلەن يىلان چاققان ياكى باشقا زەھەرلىك ھاشاراتلار چىققان جايغا تېڭىپ بەرسە، زەھىرىنى قايتۇرۇپ،
ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
تۇرۇپنىڭ قىرىلغان پوستىنى چاياننىڭ ئۈستىگە قويۇپ بەرسە، چايان ئۆلىدۇ.
تۇرۇپنىڭ سۈيىنى بەدەنگە سۈركىسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى قاچۇرىدۇ.
تۇرۇپنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تېرىنى پارقىرىتىپ، چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئاق تۇرۇپ
بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تۇرۇپقا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى پەيسىمان يېرىلغان بولىدۇ؛ گۈلى ئاق ياكى سۇس سۆسۈن رەڭدە، ئاق يىلتىزى يوغان بولۇپ، سىلىندىر شار شەكلىدە
كېلىدۇ؛ پوستىنىڭ رەڭگى سورتلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. ئاق تۇرۇپ ئادەتتە كۆكتات ھېسابلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى يىلتىزى
ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى ئۇرۇقى پىشقاندا يىغىۋېلىنىپ خام ياكى قورۇپ؛
يىلتىزىنى ئۇرۇقلىتىلغان ئاق تۇرۇپنىڭ ئۇرۇقى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن كولىۋېلىپ، تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يالپاق توغراپ؛ يوپۇرمىقىنى
تۇرۇپنى يىغىدىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، ئۇششاق توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، بەلغەمنى يۇمشىتىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، سۈيدۈكنى ھەيدەش،
ئىششىق ياندۇرۇش، زەھەر تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقى 6 ~ 12 گرام، ئۇرۇقلانغان ئاق تۇرۇپ 8 ~ 20 گرام،
ئاق تۇرۇپ يوپۇرمىقى 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقى ۋە ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، قورۇپ يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا
5.0 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغى ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام ئاق تۇرۇپ يوپۇرمىقىنى 12 گرام قوڭغۇراقگۈل، 10 گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، گال ئاغرىقى ۋە
ئاۋازى پۈتۈپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام قورۇلغان ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقىنى 12 گرام ئارپا ئۈندۈرمىسى، 15 گرام قوماچ قىلىنغان ھەزىم ئېچىتقۇسى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، ھەزىم بۇزۇلۇش ۋە قورساق كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام قورۇلغان ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقىنى 10 گرام دولانا، 12 گرام ئارپا ئۈندۈرمىسى، 51 گرام قوماچ قىلىنغان ھەزىم ئېچىتقۇسى بىلەن بىللە
سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قورساق كۆپۈش ۋە ھەزىم بۇزۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام ئاق تۇرۇپ ئۇرۇقىنى 20 گرام رەۋەن، ئاز مىقداردىكى شور بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر ئۈچەي توسۇلۇشقا
مەنپەئەت قىلىدۇ (ھامىلىدارلارنىڭ ئىچىشىگە بولمايدۇ).
15 گرام ئۇرۇقلانغان ئاق تۇرۇپنى 20 گرام تاۋۇز شاپىقى، 12 گرام قورۇلغان ئاق چۇغلۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،
ئىششىش، يۈزى سارغىيىش، قورساق كۆپۈش ۋە سۈيدۈك ئازىيىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل تۇرۇپ يوپۇرمىقىدىن 70 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاق ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئاق تۇرۇپنى ئېزىپ، سۈيىنى چىقىرىپ ئىچكۈزۈلسە، كۆمۈر ئىسى بىلەن زەھەرلىنىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك,باغۋەنچىلىك,يېزا ئىگىلىك
luó bo
تۇرۇپDئۇنىۋېرسال
luó bo
تۇرۇپ، لوبو