Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伦格纳斯
دۇنيا تارىخى
لونگىنوس
(تەخمىنەن 213 - 273) قەدىمكى يۇناننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان ئالىم. تۇغۇلغان ئورنى ئېنىق ئەمەس. جايلارنى ساياھەت قىلىپ، مەشھۇر شەخسلەر بىلەن جۈملىدىن ساكاس، ئورىگېن ۋە پېئوتىنوس قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ، ئالدىنقى ئىككىسىنى ئۇستاز تۇتقان. ئەپلاتون پەلسەپىسىگە ئىخلاس قىلغان. ئافىنادا مەكتەپ ئېچىپ، پەلسەپە، ستىلىستىكا، گرامماتىكا قاتارلىق پەنلەردىن دەرس ئۆتكەن. شاگىرتلىرىدىن مەشھۇر بوغان پورپىرى (يېڭى ئەپلاتونچى) نىڭ بىلىمى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇ <تىرىك كۇتۇپخانا> دەپ نام ئالغان. كېيىن شەرقتىكى پالمىرا (سۈرىيەنىڭ شەرقىدە)غا بېرىپ ئايال پادىشاھ زېنوبىيەگە ئۇستاز ۋە مەسلىھەتچى بولغان. ئايال پادىشاھقا رىمغا قارشى تۇرۇش تۇغرىسىدا مەسلىھەت بېرىپ، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ (273 - يىلى)، پادىشاھ ئورېلىئان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ <ئالىيجاناپلىق> دېگەن ئەسىرى ئاساسەن ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرىنىڭ پارچىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان.