Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伦敦条约
دۇنيا تارىخى
لوندون شەرتنامىسى
(1) قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە تۈركىيەنىڭ روسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى. 1854 - يىل 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى لوندوندا ئىمزالانغان. ئۇنىڭدا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە تۈركىيىەە ئاكتىپ ياردەم بېرىش ھەمدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە سۈلھ قىلىش توغرىسىدا روسىيە ئوتتۇرغا قويغان ھەرقانداق تەكلىپنى بىر - بىرىگە ئۇقتۇرۇپ تۇرۇش؛ تۈركىيە ئىتتىپاقداشلىرىغا مەلۇم قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغان ئەھۋال ئاستىدىلا، مۇھىم سىياسىي تەدبىر قوللىنىش ياكى روسىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن. (2) ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيە بىلەن ئىتالىيە 1915 - يىل 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى لوندوندا ئىمزالىغان مەخپىي شەرتنامە. شەرتنامىدە ئىتالىيەنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئانتانتا دۆلەتلىرىگە قاتنىشىش شەرتى بەلگىلەنگەن. شەرتنامىگە ئاساسەن، ئىتالىيە دەرھال گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن ئىتالىيىگە ياردەم بېرىش بەلگىلەنگەن. تۆلەم سۈپىتىدە ئىتالىيە ئاۋسترىيىنىڭ ياۋرۇپادىكى بەزى بېقىندىلىرى (تىرول، ترىيېست، دالماتسىيە قاتارلىقلار)غا ئىگە بولۇش؛ ھەمدە ئالبانىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئىتالىيەنىڭ <ھامىيلىقى> دىكى ئاپتونومىيە دۆلەت قۇرۇش، تۈركىيەنىڭ ۋە گېرمانىيەنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى بۆلگەندە، تېگىشلىك ئۈلۈشكە ئىگە بولۇش؛ لىۋىيىدە ئەسلى تۈركىيە سۇلتانلىقىغا مەنسۇپ بولغان بارلىق ھوقۇق ۋە قولاي شارائىتلارغا ئىگە بولۇش بەلگىلەنگەن.