Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伦敦塔
دۇنيا تارىخى
لوندون مۇنارى
ئەنگلىيەنىڭ قەدىمكى قەلئەلىرىنىڭ بىرى. لوندوننىڭ شەرقىي جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان. Ⅺ ئەسىردە ئەنگلىيە كورۇلى ۋېلھېلم Ⅰ (بويسۇندۇرغۇچى) تەختتىكى مەزگىلىدە ياسىلىشقا باشلىغان. قەلئەنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۋادرات شەكىللىك، رىم پاسونىدىكى بىر قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇنىڭ تۆت بۇلۇڭىنىڭ ھەربىرىدە بىردىن <ئاق مۇنار> دەپ ئاتىلىدىغان قاراۋۇل مۇنارى بار. ئەتراپىغا ئىككى قەۋەت سېپىل سوقۇلغان بولۇپ، ئىچكى سېپىلغا ئوپئوخشاش 13 كۈزىتىش پەشتىقى، تاشقى سېپىلغا ئالتە كۈزىتىش پەشتىقى سېلىنغان. سىرتقى سپىلنىڭ جەنۇب تەرىپى تېمزا دەرياسىغا ياندىشىپ تۇرىدۇ؛ شەرق، غەرب، شىمال تەرەپلىرىگە چوڭقۇر سەۇ خەندىك كولانغان. پۈتۈن قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى يەتتە گىكتار كېلىدۇ. ⅡⅩ ئەسىردە ئەنگلىيە كورۇلى سىتپېرن بۇ يەرنى پادىشاھ جەمەتىنىڭ ئولتۇراق جايى قىلغان. ⅥⅩ ئەسىردىن باشلاپ بۇ يەر تۈرمە قىلىنىپ، مۇھىم سىياسىي جىنايەتچىلەر بۇ يەرە قامالغان ۋە مۇشۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگەنىدى.