Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لۇكۇللۇس
دائىرە: دۇنيا تارىخى卢库鲁斯
lú kù lǔ sī
(مىلادىدىن ئىلگىرى 171 - 56) قەدىمكى رىم قوماندانى. باشتا ئىتتىپاقچىلار ئۇرۇشىدا مارسىلار (ياۋرۇپادا ياشىغان قەدىمكى مىللەت) بىلەن ئۇرۇشقان، كېيىن سۇللانىڭ قول ئاستىدا گېنېرال بولۇپ پونتۇس (كىچىك ئاسىيا) پادىشاھى مىترىدات Ⅵ قارشى ئۇرۇشقا (مىلادىدىن 87 يىل ئىلگىرى) قاتناشقان. مىلادىدىن 47 - يىل ئىلگىرى دىكتاتۇر بولۇپ، شەرققە يۈرۈش قىلىش (<3 - قېتىملىق مىتىرىدات ئۇرۇشى>)نى داۋاملاشۇرغان. مىتىرىدات ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىسى ئەرمەنىستان پادىشاھى تىگرانېس Ⅰ نى يېڭىپ، ئەرمەنىستان پايتەختى تىگرانوكېرتانى بېسىۋېلىپ، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقتىكى زېمىنىنى قارا دېڭىز بويلىرىغىچە كېڭەيتكەن. مىلادىدىن 66 يىل ئىلگىرى شەرققە يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ ھوقۇقى پومىپېيىئوسنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. لۇكۇللۇس ئۇستا ناتىق بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە يۇنان يېزىقىدا مارسىلارنىڭ جەڭ تارىخىنى يازغانىكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.