Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لۇگونېس
دۇنيا تارىخى
卢戈内斯
lú gē nèi sī
(1874 - 1938) ئارگېنتىنالىق شائىر، ئاخباراتچى ۋە جەمئىيەت ئەربابى. لاتىن ئامېرىكىسى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى نامايەندىلىرىدىن بىرى. ياۋرۇپاغا كۆپ قېتىم بارغان. ئارگېنتىنا ۋەكىل سۈپىتىدە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا قاتناشقان. 1926 - يىلى ئارگېنتىنا دۆلەت ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇئىنوس - ئايرىستىكى <مىللەت> گېزىتىگە ماقالە يازغان ۋە <تاغ> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولغان. 1938 - يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. دەسلەپكى دەۋردىكى ئەسەرلىرىدىن <ئالتۇنتاغ>، <باغچىدىكى گۇگۇم>، <ھەسرەتلىك ئايلار> قاتارلىقلار بار. 1910 - يىلى ئېلان قىلغان <100 يىلغا مەدھىيە شېئىرلار توپلىمىدا ئارگېنتىنا مۇستەقىللىكىنىڭ 100 يىللىقىنى مەدھىيلىگەن. كېيىنكى دەۋرلەردە ئېلان قىلىنغان >مەنزىرىلەر<، >قۇرۇق دەريا ناخشىلىرى< ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىدا رېئالىستىك ئۇسلۇب بىلەن تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇنىڭ يەنە >گائۇچۇ ئۇرۇشى< ۋە >تەقدىر توغرىسىدا ھېكايە< ناملىق نەسرىي ئەسەرلەر توپلاملىرى بار.