Uyghurئاساسىي لۇغەت
لۇگدۇنۇم
دۇنيا تارىخى
يەنە كىلتلارنىڭ لۇگدۇنۇمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گاللىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. يەنى بۈگۈنكى فرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ليون شەھىرى. رودانۇس (بۈگۈنكى رون) دەرياسى بىلەن ئادار (بۈگۈنكى سائونې) دەرياسىنىڭ قوشۇلغان ئورنىغا جايلاشقان. جەنۇبىي تەرىپى نار شتاتىدىكى گاللىيىگە تۇتاشقان بولۇپ، قاتناش قولايلىق، سودا راۋاجلانغان. نوپۇس زىچ. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا كائېسار گاللىيىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن رىم مۇستەملىكىچىلىرى بۇ يەرگە تۈركۈملەپ كىرىشكە باشلىغان. ئاۋگۇست تەختتىكى ۋاقتىدا (مىلادىدىن ئىلگىرى 27 - مىلادى 14 - يىللار) مەزكۇر رايوننىڭ مەركىزىي شەھىرى ھەم رىم ئۆلكىسى باش ۋالىيسىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بولۇپ قالغان، نېرو تەختتىكى ۋاقتىدا (54 - 68) ئوت ئاپىتىگە ئۇچراپ، كېيىن قايتا ياسالغان. مىلادى 197 - يىلى تەخت تالىشىش كۈرىشىدە سېۋرۇسنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ بۇزغۈنچىلىقىغا ئۇچرىغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ شەھەر ئۇزۇنغىچە ئاۋاتلىشالمىغان. بۇ يەردە رىم دەۋرىدە قۇرۇلغان سۇ يولى ھەم ئوردا شەكىلدىكى قۇرۇلۇشلار بار. خرىستىئان دىنى تارىخىدا، بۇ يەر پوپ ئىرېنائۇس (Ⅱ ئەسىر) نىڭ دىن تارقاتقان ئورنى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا گاللىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئاگۋىتانىيە زېمىنىدا ۋە رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى (دېڭىزغا قويۇلۇش ئېغىزى) دىكى ناتاۋى رايونىدىمۇ لۇگدۇنۇم دەپ ئاتىلىدىغان شەھەر بولغان.