Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لۇدېرىتس
دائىرە: دۇنيا تارىخى卢得立次
lú dé lì cì
(1834 - 1886) گېرمانىيىلىك مۇستەملىكىچى. برېمېنىلىك چوڭ سودىگەر. 1883 - يىلى يەرلىك قەبىلە ئاقساقىلىنى ئالداش يولى بىلەن غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئانگرا - پېكېنا قولتۇقىنى سېتىۋېلىپ، گېرمانىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئافرىقىنى بېسىۋېلىشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاپ كىرگەن. كېيىن ئانگرا - پېكېنانى بازا قىلىپ، قۇرۇقلۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان. 1884 - يىلى گېرمانىيىگە قارام غەربىي ئافرىقىنى قۇرغان. 1886 - يىلى ئورېنج دەرياسىغا چۆكۈپ كېتىپ ئۆلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.