Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
卢贝
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
lú bèi
لۇبېت
دۇنيا تارىخى
لۇبې
(1838-1929)فرانسىيە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1899 - 1906). ئادۋوكات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1870 - يىلى مونېتلىمار شەھرىنىڭ باشلىقى بولغان، 1876 - يىلى ئاۋام پالاتا ئەزاسى بولۇپ، مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان. 1885 - يىلى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولغان. جامائەت ئىشلىرى مىنسىتىرى (1887 - 1888)، زۇڭلى، قوشۇمچە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى (1892)، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى (1892 - 1893) بولغان. زۇڭتۇڭ بولۇپ تۇرغىنىدا درېيفۇس دېلوسى ھەمدە دۆلەتنى چېركاۋدىن ئايرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. شۇنىڭدەك 1904 - يىلدىكى <فرانسىيە - ئەنگلىيە كېلىشىمى>نى ئىمزالاپ، ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان.