Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
ل تىپىلىق باكتېرىيە
بىئولوگىيە
细菌L型
xìjūnLxíng
باكتېرىيىنىڭ مەلۇم مۇھىت شارائىت ئاستىدا ھاسىل قىلغان، مۇكەممەل ھەم مۇستەھكەم ھۈجەيرە پوستى بولمىغان ئۆزگەرگەن تىپى. بۇنى ئەڭ بۇرۇن ئەنگىلىيىلىك لىستېر (Lister) تاپقانلىقى ئۈچۈن L تىپلىق نام بېرىلگەن. ھۈجەيرىنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، بەزىلىرى باكتېرىيە فىلتىرلىگۈچتىن ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا <فىلتىرلىگۈچتىن ئۆتۈپ كېتىدىغان باكتېرىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قاتتىق ئۆستۈرگۈچ ئۈستىدە ئۆستۈرگەندە بىر خىل تىپىك <مايدا قورۇلغان تۇخۇم> دەك مىكرو تۈركۈمىنى ھاسىل قىلىدۇ. L تىپلىق باكتېرىيىنىڭ بەزىلىرى ئەجدادىنىڭ <تۇراقسىز> ئۆزگىرىشچان تۈپىگە قايتالايدۇ، بەزىلىرى قايتمايدىغان <تۇراقلىق> ئۆزگىرىشچان تۈپ. كېيىنكىسى مىكوپلازما بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن باكتېرىيىلەرنىڭ L تىپلىق باكتېرىيىنى ھاسىل قىلالايدىغانلىقى بايقالدى.