Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لىسىئاس
دۇنيا تارىخى
吕西亚
lǚ xī yà
(مىلادىدىن ئىلگىرى 450 - 380) قەدىمكى يۇنان دەۋردىكى. ناتىق ئافىنادا باي ئائىلىدە تۇغۇلغان، دادىسى كېپالۇس سىتسىلىيە ئارىلىدىكى سىراكۇي شەھىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن (پېرىكلى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا) كۆچمەن. 15 ياش ۋاقتىدا قېرىندىشى قاتارلىقلار بىلەن بىللە ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى تۇرى شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئىككى سىراكۇزىلىق ئىككى ئالىمدىن تەلىم ئالغان، كېيىن تۇرى شەھىرىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولغان بولۇشى مۇمكىن، ئافىنالىقلارنىڭ سىتسىلىيىگە يۈرۈش قىلىشى مەغلۇپ بولۇپ (پېلوپوننېس ئۇرۇشىدا)، سپارتاپەرەسلەر تەرىپىدىن تۇرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 412 يىل ئىلگىرى يەنە ئافىناغا كۆچۈپ كەلگەن. مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى <30 لار> (<30 تىران> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە تۈرمىگە ئېلىنىپ، مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان كېيىن مېگاراغا قېچىپ كەتكەن ھەمدە دېموكرات تراسبۇلۇسنىڭ ئافىنادا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىشىگە ماددىي ياردەم بەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئافىنادا ماكانلىشىپ، كىشىلەرگە ئەرزنامە ۋە دەۋا خەتلىرىنى يېزىپ بېرىپ يۈرۈپمۇ، زادى پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىگە بولالمىغان (مۇھاجىر پەرزەنتى بولغانلىقى ئۈچۈن). ھاياتىدا تەخمىنەن 230 پارچە نۇتۇق تېكىستى (ھەقىقىي بۇيۇم) يازغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە پەقەت 34 پارچىسى ساقلىنىپ قالغان (بىر قىسمى تولۇق بولمىغان پارچىلار)، كۆپ قىسمىنى تۇرىدىن ئافىناغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن يازغان. ئۆلچەملىك ئاتىكا دىئالېكتىنى قوللىنىپ، ساپ، ساددا، يېقىملىق ئۇسلۇب بىلەن يېزىپ، كىشلەرنىڭ كەڭ مەدھىيىسىگە ئىگە بولغان.