Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لىست
دۇنيا تارىخى
李斯特
lǐ sī tè
(1) فرېدرىخ لىست (1789 - 1846) گېرمانىيىلىك چاكىنا ئىقتىسادشۇناس. تارىخ ئىلمىي ئېقىمىنىڭ پېشۋاسى. 1817 - يىلى تىبېنگىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1825 - يىلى ئامېرىكىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ لېيپسىگدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى بولغان. ئۇ، گېرمانىيە سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، قوغداش چېگرا بېجىنى تەشەببۇس قىلغان، چېگرا بېجى ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى تەرغىپ قىلغان ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا ئارىلىشىشنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە كلاسسىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىرى تەشەببۇس قىلغان كوسموپولىتىزمغا قارشى چىققان. ئۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىپ، <مەنىۋى كاپىتال> - دۆلەت تۈزۈمى، قانۇن، دىن، ئىلىم - پەن كەشپىياتلىرى ۋە سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى قاتارلىق مەنىۋى ئامىللارنىڭ ھەممىسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دەپ ھېسابلىغان؛ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى مىللىي بايلىقنىڭ ئاساسلق مەنبەسى دەپ قارىغان. جەمئىيەت تەتقىقات تارىخىنى ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق، يېزا ئىگىلىك - سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك - سودا سانائەتتىن ئىبارەت بەش تارىخىي باسقۇچقا بۆلگەن. ئۇ، شوۋىنىزم ئىدىيىسى بىلەن كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى تەرغىپ قىلىپ، گېرمانىيەنىڭ ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن، ئۇرۇشنى <مىللىي رىغبەتلەندۈرۈش> دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ بەزى نۇقتىئىنەزەرلىرىدىن كېيىن ئەكسىيەتچىل جۇغراپىيە سىياسىي ئېقىمىدىكىلەر پايدىلىنىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق: <ئامېرىكا سىياسىي، ئىقتىسادشۇناسلىق تېزىسلىرى>، <سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ مىللىي سىستېمىسى>ناملىق ئەسەرلىرى بار. (2) لىست فرانس (1811 - 1886) ۋېنگرىيىلىك كومپوزىتور، رويالچى ۋە دىرىژور. گۆدەك چېغىدىن تارتىپ ئاتىسىغا ئەگىشىپ يۈرۈپ مۇزىكا ئۆگەنگەن. 1821 - 1823 - يىللىرى ۋېنادا ئوقۇغان. كېيىن پارىژغا بېرىپ سېن -سىموننىڭ خىيالىي سوتسىيالىزم ۋە رومانتىزم ئىدىيە ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1848 - يىلدىكى ئىنقىلابىتىن بۇرۇن، بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىغا قىزغىنلىق بىلەن تەلپۈنگەن، مىللىي مۇستەقىللىككە تەشنابولغان ھەمدە 1831 - يىلى ۋە 1834 - يىللىرىدىكى لېئان ئىشچىلىرى قوزغىلىڭىغا ھېسداشلىق قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن، پاسسىپ ئۈمىدسىزلىنىپ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1848 - يىلدىن باشلاپ ئوردا ئوركىسترى باشلىقى بولغان. 1861 -يىلى رىمغا كۆچۈپ كەلگەن. 1865 - يىلى ۋاتىكاندا چېچىنى كەستۈرۈپ مۇناخ بولغان، بىراق يەنىلا مۇزىكا ئىجادىيىتى ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. 1875 - يىلى بۇداپىشت مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنى بەرپا قىلىپ، مەكتەپ مۇدىرى بولغان. ئىجادىيەتتە <ئەدەبىيات مۇزىكا ئىچىدە بولىدۇ> دېگەننى تەشەببۇس قىلغان، تۇنجى سىمفونىيىلىك پوئېما ژانىرىنى ياراتقان ئەسەرلىرىدە ۋېنگرىيە خەلق ناخشىلىرىنى كۆپرەك ئۆزىگە خام ماتېرىيال ىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <تاسو>، <ۋېنگرىيە>، <باشلىنىش مۇزىكىسى>، <ئىلاھ دانىتې كۈيى>، <فائوسد>، <ۋېنگرىيە راسودىسى>، <لېئون> قاتارلىقلار، شۇنىڭدەك تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدىغان مۇزىكا، پىئانىنو بىلەن ئورۇنلىنىدىغان يالغۇز كىشىلىك مۇزىكا ۋە قايتا ئىشلىگەن مۇزىكىلىرى بار. ئۇنىڭ يەنە <شوپىن>، <ۋېنگرىيە سىگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇزىكىسى> ناملىق ئىككى پارچە كىتابى ۋە مۇزىكا ئوبزورلىرىمۇ بار.