Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لېسسېپىس
دائىرە: دۇنيا تارىخى雷赛布
léi sài bù
(1805 - 1894)، فرانسىيلىك دىپلومات، ئىنژېنېر، دىپلومات ئائىلسدە تۇغۇلغان. 1825 - يىلى دىپلوماتىيە ساەسىگە كىرىپ، مۇئاۋىن كونسۇل، كونسۇل، باش كونسۇل قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1848 - 1849 - يىللاردا ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. 1849 - يىلى تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى ئۇنۋانى بىلەن رىمغا بېرىپ، فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىگە ۋاكالىتەن رىم جۇمھۇرىيىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، سىياسىي قۇربانلىق بولغانلىقىغا غەزەپلىنىپ، دىپلوماتىيە ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان. 1854 - يىلى مىسىرنىڭ باش ۋالىيسى سەئىد پاشا بىلەن توختام تۈزۈپ، سۈۋەيىش قانىلىنى قېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، قانالنى 99 يىللىق ئىجارىگە ئالغان. 1858 - يىلى قانال شىركىتىنى قۇرۇپ، 1859 - يىلى قېزىشنى باشلىغان، 1869 - يىلى 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قانالدا رەسمىي قاتناش باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامىنى چىقىرىپ، فرانسىيەنىڭ مىللىي قەھرىمانى دەپ ئاتالغان. 1879 - يىلى پاناما شىركىتىنىڭ باشقارما رەئىسلىكىنى ئۈسىتگە ئالغان. 1881 - يىلى ئىش باشلانغان، مەبلەغ يىتىشمىگەنلىكتىن قانالنى قېزىش 1888 - يىلى توختاپ قېلىپ، شىركەتنىڭ سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبور بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئاتاقلىق <پاناما رەسۋاچىلىقى> مەيدانىغا چىققان. ئۇ پۇل - دۇنيانى يۇتۇۋالغان دەپ ئەيىبلىنىپ، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما ئالىي سوت خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان دەپ قاراپ، ھۆكۈمنى بىكار قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.