Uyghurئاساسىي لۇغەت
لېسسىڭ
دۇنيا تارىخى
(1729 - 1781) گېرمانىيەنىڭ مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى دەۋرىدىكى مۇتەپەككۈر، دراماتورگ، ئەدەبىي تەنقىدچىسى. نامرات پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1746 - يىلى لېيپسىگ داشۆسىگە كىرىپ پەلسەپە ۋە تىلشۇناسلىقنى ئۆگەنگەن ھەمدە دراما ساھەسىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ياندۇرقى يىلى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن قېلىپ، بېرلىندا ئاخبارات ۋە تىياتىر ئوبزورچىلىق خىزمىتى ئىشلىگەن ھەمدە <ساللا سامسون خانىم> دېگەن تېراگىدىيىنى يېزىپ، شەھەر ئاھالىسى تەبىقىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى پاش قىلىپ، مەملىكەت بويىچە داڭق چىقارغان. 1759 - يىلدىن باشلاپ كلاسسىك پەلسەپىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، كېيىن <لائوكون، سۈرەت بىلەن شېئىرنىڭ چېكى توغرىسىدا> دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ، گېرمانىيە رېئالىزملىق ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ ئاساسىنى سالغان؛ <مىننافېن بارخام> دېگەن كومىدىيىسىدە پرۇسسىيە مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى مەسخىرە قىلغان. 1767 - يىلى ھامبۇرگ <مىللىي تىياتىرى> نىڭ مەسلىھەتچىسى ۋە تىياتىر ئوبزورچىسى بولۇپ، <ھامبۇرگ تىياتىرىغا باھا> نى يازغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە <ئامېلىئا گاللودى> دېگەن تراگېدىيىسىنى ئىجاد قىلىپ، گېرمانىيە فېئوداللىرى، زالىم كورۇللىرىنىڭ ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشىنى تولۇق ئېچىپ تاشلىغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نامراتلىق، كېسەل ئازابىنى تارتىپ تۇرۇپمۇ <زېرەك ناتېين> دېگەن داڭلىق شېئىرىي درامىنى يېزىپ، لۇتېر ئەنئەنىۋى مەزھىپىنىڭ تار دىنىي بىر تەرەپلىمە قارىشىنى تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇرژۇئا دېموكراتىزملىق روھى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، پرۇسسىيە مۇستەبىت تۈزۈمى ئاستىدىكى رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۆتكۈر، كەسكىن مەسخىرە قىلىنغان ۋە تەنقىد قىلىنغان، ئوردا ئاقسۆڭەكلىرى ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى ۋە فرانسىيە كلاسسىك ئەدەبىياتىغا قارىغۇلارچە چوقۇنۇش خاھىشى تازىلانغان. گېرمان مىللىتىنىڭ رېئالىزملىق ئەدبىياتى ۋە دراممىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس ئورنىتىلغان.