Uyghurئاساسىي لۇغەت
لى شىئەي قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەندە لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى. 1467 - يىلى (شىزۇنىڭ 13 - يىلى) خامگى ۋىلايىتى (خامگىبوڭ ۋىلايىتى)دا پارتلىغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى لى شىئەي جورجىتلاردىن كېلىپ چىققان. بوۋىسى بىلەن گىجۇ ئايمىقىغا كەلگەن، كېيىن گېجۇ ئايمىقىنىڭ باسقاق بېگى بولۇپ، ھەربىي چوڭ ھوقۇقلارنى ئىگىلىۋالغان. 1467 - يىلى 5 - ئايدا (قەمەرىيە بويىچە) ئىنىسى لى شىخى، قېيىن ئىنىسى لى مىڭشياۋ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، گىجۇ ئايمىقىنىڭ باشلىقى شۆدېڭشىن، خامگى ۋىلايىتىنىڭ باسقاق بېگى تاڭ شاۋۋىنغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن. قوزغىلاڭغا پۈتۈن ۋىلايەتتىكى دېھقانلار تۇشمۇتۇش ئاۋاز قوشقان، مەھكىمە - يامۇللارغا ئۇشتۇمتۇت بېسىپ كىرىپ، ھاكىم - بەگلەرنى ئۆلتۈرگەن. لى شىئەي ئۆزىنى خامگى ۋىلايىتىنىڭ باسقاق بېگى دەپ جاكارلىغان. 8 - ئايدا، قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى بىلەن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بېيچىڭ ناھىيىسى جۈيشەن يېزىسىدىكى مەنلىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭىدا قوزغىلاڭچىلار ئارمىيىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، لى شىئەن جېڭچىڭ شەھىرىگە چېكىنگەن ھەمدە يەرلىك زومىگەرلەر قولىغا چۈشۈپ قالغان، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.