Uyghurئاساسىي لۇغەت
لىسان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىل، سۆز.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىل(ئېغىزنىڭ ئىچىدىكى تىل؛ سۆزلەش ئەزاسى)؛ لىسانۇت تەير - قۇش تىلى؛ لىسانۇئۇد - ئۇد تىلى، ئۇد چالغۇسىنڭ ئاۋازى؛ لىسانەن - ئېغىزدىن، تىلدىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنساننىڭ سۆزلەش قابىلىيىتى، مۇھىم ئالاقە ۋاستىسى، كىشلەرنىڭ پىكر ئالماشتۇرۇش قورالى.
« زۇۋان » تۇراقلىق سۆز بىرىكمىلىرىدىلا كېلىدۇ.
تىلى چىقماق؛ تىلى تۇتۇلماق؛ تىلى قىسىق؛ تىلى ئۇزارماق. ئۇيغۇر تىلى؛ تىلشۇناسلىق. ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىش ئاتا _ ئانىدىن ۋاز كېچىشتۇر. تىل ئەقىلنىڭ مالىيى. تاتلىق تىل _ تاياقتىن ئۆتكۈر. ئېغىز _ ئايغاق، تىل _ تايغاق. تىلى يۇمشاق ئاش يەر، تىلى قاتتىق مۇشت. تىلنىڭ يەتمەيدىغان يېرى يوق. زۇۋان سۆرمەك؛ زۇۋانى تۇتۇلماق. جەۋھىرى قۇدرەت بار، تىل _ زۇۋانىڭدا، ھەقىقەت _ ساداقەت ھەر بايانىڭدا.