Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لېرمونتوۋ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,ئىستېتىكا
莱蒙托夫
lái méng tuō fū
دۇنيا تارىخى
莱蒙托夫
lái méng tuō fū
(1814 - 1841) روسىيەلىك شائىر. ھەربىي سەپتىن قايتقان ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغلىرىدىلا شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. موسكۋا داشۆسىگە كىرگەندىن كېيىن، بېلىنىسكى ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ 1832 - يىلى ئەكسىيەتچى پروفېسسورلارغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىرىلغان. شۇ يىلى پېتېربۇرگ ئوفىتسىرلار مەكتىپىگە كىرگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن گۋاردىيە ئاتلىق پولكىنىڭ ئوفىتسىېرى بولغان. 1837 - يىلى پوشكىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن <شائىرنىڭ ئۆلۈمى> دېگەن شېئىرنى يېزىپ، چار پادىشاھ ھۆكۈمتىنىڭ سۈيقەستى ۋە جىنايىتىنى پاش قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىنغان ھەم سۈرگۈن قىلىنغان. 1840 - يىلى يەنە بىر قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان، ياندۇرقى يىلى سۈيىقەستلىك دۇئېلىدا ئۆلتۈرۈلاگەن. ئۇ ھاياتىدا تۆت يۈز پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازغان، شۇنداقلا داستان، رومان ۋە دراما يازغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى ئىچىدە شېئىرلاردىن <يەلكەن>، <بورودىنو>، <ۋەتەن>، <ئالۋاستى>، <بالا راھىب>، <سودىگەر كاراشىنكوۋ ناخشىلىرى> قاتارلىق شېئىرلىرى، <زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى>، <ۋادىم> قاتارلىق رومانلىرى ۋە <نىقابلىق تانسا> قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى بار