Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لىپوئىك كىسلاتا
دائىرە: بىئولوگىيە硫辛酸
liúxīnsuān
B گۇرۇپپىغا مەنسۇپ بولغان ۋىتامىن بولۇپ، بەدەندە ھىدروگېن يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئوكسىدلانغان ۋە ئوكسىدسىزلانغان تىپلىرى ئۆز ئارا ئۆزگىرىدۇ. α - لىپوئىك كىسلاتا سۇدا ئېرىمەستىن بەلكى ياغ ئېرىتكۈچىسىدە ئېرىيدۇ. ئۇ α - كېتو كىسلاتالىرىنىڭ كاربوكسىلسىزلىنىپ ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيىسىگە زۆرۈر بولغان كوئېنزىم بولۇپ، ياغلاشقان جىگەرگە قارشى تۇرۇش ۋە قاندىكى خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە. ئوكسىدسىزلانغان تىپلىق لىپوئىك كىسلاتا مولېكۇلىسىدا ئەركىن SH - رادىكالى بولغانلىقتىن، ئارسىن، سىماب قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ تەركىبىدە سۇلفىد رادىكالى بولغان ئېنزىمغا نىسبەتەن زەھەرلەش رولىى قايتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,تېببىي
硫辛酸
liú xīn suān
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.