Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لېپانتو دېڭىز ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى勒班陀海战
lè bān tuó hǎi zhàn
1570 - 1573 - يىللىرىدىكى ۋېنتسىيە بىلەن تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى بىر قېتىملىق دېڭىز ئۇرۇشى. 1571 ـ يىلى 8 - ئايدا تۈركىيە ۋېنېتسىيىگە تەۋە بولغان سپرۇس ئارىلىنى ئشغال قىلىۋالغان. 1571 - يىلى 10 - ئايدا گرېتسىيىدىكى كورىنتوس قولتۇقىنى بوغۇپ تۇرغان لېپانتو (ھازىرقى نامى) ئەتراپىدا ئىككى تەرەپ دېڭىز ئۇرۇشى قىلغان. تۈركىيە 275 پاراخوتنى جەڭگە سالغان، ئەلى پاشا قوماندانلىق قىلغان؛ ئسىپانىيە ۋېنېتسىيىنى قوللاپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. ئىسپانىيە - ۋېنېتسىيە بىرلەشمە فلوتىدا ئاران 217 پاراخوت بولۇپ، دونجۇئان (1547 - 1578) قوماندانلىق قىلغان. نەتىجىدە تۈركىيە مەغلۇپ بولۇپ، 224 پاراخوت چىقىم بولغان، ئوفىتسىر ۋەئەسكەرلەردىن 40 مىڭ كىشى ئۆلگەن ۋە ئەسىر ئېلىغان. تۈركىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، لېكىن 1573 - يىلى 3 - ئايدا ئىمزالانغان سۈلھ شەرتنامىسى بويىچە يەنىلا سىپرۇس ئارىلىغا ئىگە بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.