Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لوئى
دۇنيا تارىخى
路易一世
lù yì yí shì
(1326-1382)، ۋېنگرىيە ئانژۇ سۇلالىسىنڭ كورۇلى (1342-1382)،پولشا كورۇلى (1370-1382). تەختتە تۇرغان چاغدا ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر ۋە شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ، پادىشاھ ھاكىميىتىنى كۈچەيتكەن. 1351-يىلى قانۇن ئېلان قىلىپ، پەقەت ئاقسۆڭەكلەرنىڭلا يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلالايدىغانلىقىنى بەلەىلىگەن ھەمدە دېھقانلارنى يەرگە چىڭ باغلاپ قۇيۇپ،خۇجىلىق يەر ئىگىلىرىنىڭ باشقۇرىشىغا قاراشلىق قىلغان. سىرتقا قارىتا، نېئاپول كورۇللۇقى، ۋېنېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، دالماتسىيە، كرۇدىيىنى بېسىۋالغان؛ بوسىنيە،سېربىيە،ۋالاخىيە ۋە مولدوۋالارنى ئىتائەت قىلدۇرغان.پولشا كورۇللۇقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەندىن كېيىن، 1374-يىلى پولشا ئاقسۈڭەكلىرىنىڭ ئىمتىيازىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان <كوسىتې نىزامى >نى ئېلان قىلغان.