Uyghurئاساسىي لۇغەت
لوتار
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 795 - 855) بۈيۈك كارلوس ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (840 - 855). مىلادى 840 - يىلى ئاتىسى، كوۇرل لۇئى (تەقۋادار) ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تەختكە چىققان. ئۇنىڭ ئىنىسى لۇئى (گېرمان) بىلەن چارلېس (تاقىرباش) نارازى بولۇپ ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان ھەمدە 841 - يىلى فونتىنو، ھازىرقى فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى رونا ئۆلكىسىگە جايلاشقان( جېڭىدە بىرلىشىپ لوتارنى مەغلۇپ قىلغان. مىلادى 843 - يىلى، ئاكا - ئۇكا ئۈچەيلەن <ۋېردېن شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، كارلوس ئىمپېرىيىسىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلگەن، لوتار رېين دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىن جەنۇبتا ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغىچە بولغان جايغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئوتتۇرا پادىشاھلىق دەپ ئاتىغان ھەمدە كورۇللۇق نامغا ۋارىسلىق قىلغان. لېكىن ئۇ ئىككى ئىنىسىنى كونترول قىلالمىغان. لوتار ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئوتتۇرا پادىشاھلىقنى بۆلۈشۈۋالغان، لۇئى Ⅱ ئىتالىيەگە ئىگە بولۇپ، كورۇللۇق نامغا ۋارىسلىق قىلغان؛ چارلېس پروۋانىسقا ئىگە بولغان، لوتار Ⅱ لوتارىنگيىگە ئىگە بولغان.
دۇنيا تارىخى
)تەخمىنەن 1075 - 1371( لوتار Ⅲ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گېرمانىيە كورۇلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى )1125 - 1137؛ 1133 - يىلى تاج كىيگەن(. ئەسلى ساكسونىيە گېرتسوگى )1106 - يىلدىن باشلاپ( ئىدى. كورۇل ھىنرىخ Ⅴ كە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرگەن. ھىنرىخ ئۆلگەندىن كېيىن چېركاۋا فېئوداللىرىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. 1321 - 1133 - يىللىرى ۋە 1136 - 1137 - يىللىرى ئىتالىيىگە ئىككى قېتىم بېسىپ كىرىپ، رىم پاپسى ئىنتوكېنىتىي Ⅱنى قوللاپ، سىتسىلىيىنى ئىگىلەپ تۇرغان نورمانلارغا قارشى تۇرغان. 1134 - يىلى شىمالىي ماركنى سۇيۇرغال سۈپىتىدە چوڭ فېئودال ئالبرېختقا ھەدىيە قىلىپ بەرگەن.