Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لوندون ئىشچىلار جەمئىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى伦敦工人协会
lún dūn gōng rén xié huì
1836 - يىلى لوندوندا قۇرۇلغان ئەنگلىيە ئىشچىلىرى تەشكىلاتى. ئاساسەن قول سانائەتچىلەردىن تەشكىل قىلىنغان. رەھبىرى ياغاچچى لوۋېت (1800 - 1877). 1837 - يىلى ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي پروگراممىسى - <خەلق ئاساسىي نىزامى>نى ئېلان قىلغان. جايلاردا يەرلىك جەمئىيەتلەرنى قۇرغان. <ئىككى پىنىسلىق تېز خەۋەر> (كېيىن نامى <لوندون تېز خەۋەرلىرى>گە ئۆزگەرتىلگەن) ژۇرنىلىنى نەشىر قىلغان. ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدىكى يىغىلىش، نامايىش قىلىش ۋە باشقا ھەرخىل شەكىلدىكى كۈرەشلەرگە ئاكتىپ رەھبەرلىك قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ يۇقىرى تەبىقە رەھبەرلىرى بارغانسېرى مۇرەسسە ۋە ئىسلاھاتقا بېرىلىپ كەتكەن. 1840 - يىلى جەمئىيىەتنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ئىسلاھاتچىلىق لۇشيەنىنى يولغا قويغان، لوندون ئاساسىي نىزام ئىتتىپاقىغا كىرگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.