Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لوندون يىغىنى
دائىرە: دۇنيا تارىخى伦敦会议
lún dūn huì yì
1830 - يىلقى بېلگىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇ دۆلەتنىڭ گوللاندىيىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا دائىر مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان خەلقئارالىق يىغىن. 1830 - يىل 10 - ئايدىن 1931 - يىلى 11 - ئايغىچە لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن. ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ئاۋسترىيە، پرۇسسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. ئەنگلىيە گوللاندىيىنىڭ سودىدىكى رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىشنى، فرانسىيە بولسا گوللاندىيە بىلەن بېلگىيىنىڭ بىرلىشىشىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ياۋۇرپادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشنى ئويلىغان. رۇسىيە، ئاۋسترىيە ۋە پرۇسسىيە قارشى ئۇرۇش پوزىتسىيىسىدە بولغان. لېكىن ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ئاخىر بېلگىيەنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتراپ قىلىش ۋە بېلگىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى لوندون شەرتنامىسى ئىمزالانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.