Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لومباردىيە ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
伦巴第联盟
lún bā dì lián méng
ⅡⅩ ئەسىردىن ⅢⅩ ئەسىرگىچە، ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى لومباردىيە رايونىدىكى شەھەرلەرنىڭ مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن ئىتتىپاقى. 1167 - يىلى شەكىللەنگەن بولۇپ، 16 شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاساسلىقلىرى: مىلان، ۋېنېتسىيە، مانتۇيا، ۋېرونا، كرېمونا، ترېۋىزو، فېررارا، برېسىيە، بولگنا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىتتىپاق رىم پاپاسى ۋە سىتسىلىيە كورۇلىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغان. 1761 - يىلى 5 - ئايدا لېنانو ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى پادىشاھى فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) نى مەغلۇپ قىلغان. 1183 - يىلى ئىككى تەرەپ <كۆزېتسىكى سۈلھ شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، فرېدرىخ Ⅰ ئىتتىپاقتىكى شەھەرلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئېتىراپ قىلغان. ئىتتىپاق ⅡⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تارقىتىۋېتىلگەن. 1226 - يىلى، مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى فرېدرىخ Ⅱ نىڭ شىمالىي ئىتالىيىگە قىلغان تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مىلان باشچىلىقىدىكى بەزى شەھەرلەر قايتىدىن ئىتتىپاق تۈزگەن. 1237 - يىلى 11 - ئايدا ئىتتىپاق ئارمىيىسى مەغلۇپ قىلىنىپ، ئىتتىپاق ئاخىر پارچىلىنىپ كەتكەن.