Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لوللاردچىلار
دۇنيا تارىخى
罗拉德派
luó lā dé pài
ئوتتۇرا ئەسىردە ئەنگلىيە قاتارلىق غەربىي ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى دېھقانلار ۋە شەھەر خەلقلىرىنىڭ كاتولىك چېركاۋىغا قارشى <بىدئەت> مەزھىپى. <لوللارد> دېگەن سۆز ئوتتۇرا ئەسىردىكى گوللان يېزىقى Lollaert دىن كېلىپ چىققان (<پىچىرلاپ ئىبادەت قىلغۇچى> دېگەن مەنىدە). تەخمىنەن 1300 - يىلى خەير - ئېھسان تەشكىلاتى نامى بىلەن نېدىرلاندىيىدىكى ئانتوۋېرپېن (ھازىر بىلگىيىگە قاراشلىق) دا مەيدانغا كەلگەن. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئەنگلىيەدىكى لوللاردچىلارنىڭ كۆپى ۋىكلىفنىڭ مۇرىتلىرى ئىدى، ئۇلار بىرقەدەر رادىكال بولۇپ، ئاساسلىق ۋەكىلى بال ئىدى. ئۇلار ھاشارنى بىكار قىلىشنى، ئۆشرە ۋە باشقا باج - سېلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى،چېركاۋنى مال - مۈلۈكتىن مەھرۇم قىلىشنى، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ۋە مال - مۈلۈك باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بۇ مەزھەپتىكى دىن تارقاتقۇچىلار قوپال تىكىلگەن كاسايالارنى كىيىشىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن قاتلام خەلقلەر ئارىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئۇلار 1881 - يىلدىكى ۋات تەيلېر قوزغىلىڭى ئۈچۈن جامائەت پىكرى تەييارلىغان، بال قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ سايلانغان. 1414 - يىلى ئەنگلىيەدىكى لوللاردچىلار يەنە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ مەغلۇپ بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئاز بولمىغان مۇرىتلىرى ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقى ۋە شوتلاندىيەگە كۆچۈپ كەتكەن. لوللاردچىلارنىڭ پائالىيىتى ⅥⅩ ئەسىردە ئەنگلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان دىن ئىسلاھاتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكەن.