Uyghurئاساسىي لۇغەت
لوگارىفمىلىق ئۆسۈش دەۋرى
بىئولوگىيە
<كۆرسەتكۈچلۈك ئۆسۈش دەۋرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈش ئەگرى سىزىقىدىكى ئىككىنچى دەۋر. بەلگىلىك باكتېرىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەلگىلىك ئۆستۈرگۈچ ۋە بەلگىلىك ئۆستۈرۈش دەۋرىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز ھەمدە تۇراقلىق بولىدۇ، باكتېرىيىنىڭ سانى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ لوگارىفمىلىق ئارتىپ بارىدۇ. بۇ دەۋردە ھەر بىر دەۋرنىڭ تەركىبى نىسبەت بويىچە ئارتىدىغانلىقتىن، لوگارىفمىلىق ئۆسۈش دەۋرى يەنە تەڭپۇڭ ئۆسۈش دەۋرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لوگارىفمىلىق ئۆسۈش دەۋرىدە ھۈجەيرىنىڭ ئۆسۈش مېتابولىزمى ئاينىيدۇ، ئېنېزىمنىڭ ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ. ھۈجەيرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى نىسبەتەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ دەۋردىكى ھۈجەيرىلەر ئۇرۇقلۇق قىلىنىدۇ. لوگارىفمىلىق ئۆسۈش دەۋرىدىكى باكتېرىيىلەرنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشىنى باكتېرىيە ئۇرۇقىنىڭ ئىرسىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، ئۆستۈرۈش شارائىتى (مەسىلەن، تېمپېراتۇرا PH قاتارلىقلار) ۋە ئۆستۈرگۈچىنىڭ تەركىبى قاتارلىق ئامىللار بەلگىلەيدۇ.