Uyghurئاساسىي لۇغەت
لىنگۇيدىكى ليۇتاڭ مەسچىتى
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ لىنگۇي ناھىيىسىدىكى ليۇتاڭ بازىرىنىڭ شىشۈي كوچىسىدا. بۇ مەسچىت 1662 - يىلىدىن 1795 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان. ئىمارەت قۇرۇلۇشىدا ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتى بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ گۇاڭشىدا ھازىرغىچە ساقلانغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ھۈنەر - سەنئىتى ئەڭ ياخشى ئىشلەنگەن مەسچىت بولۇپ، ئەسلىي قىياپىتى ئاساسەن زىيانغا ئۇچرىمىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.