Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لىندبېرگ
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى林德伯格
lín dé bó gé
دائىرە: دۇنيا تارىخى林白
lín bái
(1902 - 1974) ئامېرىكا ئۇچقۇچىسى. دېترويت شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1922 - يىلى ۋىسكونىسن ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىلىپ، ئۇچقۇچىلىقنى ئۆگەنگەن. 1925 - يىلى ھاۋا ئارمىيە زاپاس قوشۇنىغا كىرگەن، كېيىن پوچتا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسى بولغان. 1927 - يىلى 5 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئۆزى يالغۇز ئايروپىلاننى ھەيدەپ نيو - يوركتىن ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، پارىژدا قونۇپ، پۈتۈن يەرشارىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. 1935 - يىلى ئەنگلىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1938 - يىلى ياۋرۇپا ھاۋا ئارمىيىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. 1939 - يىلىدىن باشلاپ يەككىچىلىكنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپادىكى سىياسىي - ھەربىي كۈرەشكە قاتنىشىشىغا قارشى تۇرغاچقا، ئامېرىكىلىقلار ئۇنى گېرمانپەرەس دەپ قارىغان. كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ ھەربىي خىزمەتتىن بوشانغان. ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن كېيىن ھاۋا ئارمىيىسىگە قايتىپ كېلىپ تىنچ ئوكيان رايونىدا جەڭ قىلغان. كېيىن يەنىلا مۇتەئەسسىپ پوزىتسىيىدە مەيدانغا چىققان. <بىز>، <ئۇچقۇچىلار تۇرمۇشى>، <لۇئىس روھى>، <ئۇرۇش ۋاقىتدىكى خاتىرە> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.