Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لىماكس
بىئولوگىيە
蛞蝓
kuòyú
قورساق پۇتلۇقلار سىنىپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆپكىلىك قۇلۇلىلەر كەنجى سىنىپىنىڭ لىماكسلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يالىڭاچ قۇلۇلە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىرتقى قاپچۇقى رۇدىمېنتلاشقان، بەدىنى يالىڭاچ بولۇپ، شەكلى قاپچۇقىنى ئېلىۋەتكەن ئۈزۈمسىمان قۇلۇلىگە ئوخشايدۇ. سىرتقى غىلاپ پەردىسى تېنىنىڭ پۈتۈن دۈمبە تەرىپىنى قاپلاپ تۇرىدۇ، پەردە ئىچىدە نېپىز ھەم سۈزۈك بىر كالتسىيلىق قالقان پىلاستىنكىسى بولىدۇ. ئانتېننىسى ئىككى جۈپ، كۆزى ئىككىنچى ئانتېننىسىنىڭ ئۇچىدا بولىدۇ. ئېغىزى باش قىسمىنىڭ قورساق تەرىپىدە. پۇت قىسمى ناھايىتى توم، قورساق تەرىپى ياپىلاق بولۇپ، ئۆمىلەپ ھەرىكەتلىنىشكە ماسلاشقان، ئۆپكە تۆشۈكى تېنىنىڭ ئالدى تەرەپ ئوڭ يېنىغا، كۆپىيىش تۆشۈكى ئوڭ يان ئانتېننىسىنىڭ يېنىدا بولىدۇ. باش يازدا دەرەخ قوۋزاقلىرىنىڭ ئاستىغا ھەم تاشلارنىڭ تېگىگە ئاق رەڭلىك تۇخۇم سالىدۇ. بەدىنى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆمىلەپ ھەرىكەتلەنگەن ۋاقتىدا كەينىدىن ئاقۇش رەڭلىك ئىز قالدۇرىدۇ. نەم جايلاردا، ھۈجەيرىلەردىكى تام تۈۋىلىرىدە ئۇچرايدۇ. كۆكتات، مېۋىلىك دەرەخ، زىرائەت قاتارلىقلارنىڭ زىياندىشى ھېسابلىنىدۇ. سېرىق لىماكس (L.flavus)، ياۋا لىماكس (L.agrestis) قاتارلىقلارنى دورا قىلىشقا بولىدۇ.