Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لىلى
دۇنيا تارىخى
黎利
lí lì
(1385 - 1433). ۋېيتنامنىڭ كېيىنكى لى سۇلالىسىنى قۇرغۇچى (1428 - 4331). ئۆلگەندىن كېيىنكى نامى تەيزۇ. لەنشەن يېزىسىدىن (بۈگۈنكى چىڭخۇا شۇچۇڭ ناھىيىسى). مۇشتۇمزور تۆرىدىن كېلىپ چىققان. 1418 - يىلى لەنشەن قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلپ، ئۆزىنى پىڭدىڭ خان دەپ ئاتىۋېلىپ، جۇڭگو مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋىلايەت - ناھىيە بويىچە باشقۇرۇشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1427 - يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن چىن سۇلالىسىنىڭ ئەۋلادى بولغان چېن گاۋنى خان قىلغان. ئىككىنچى يىلى مەملىكەت بويىچە بىرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چېن گاۋنى بىكار قىلىپ ئۆزى خان بولۇۋالغان. ئۆزىنى تەڭرىگە بويسۇنغۇچى باتۇر چوڭ خان دەپ ئاتىغان، تەخەللۇسى لەنشەن ئۆڭكۈرىنىڭ خوجايىنى، يىلنامىنى شۇنتيەنگە، دۆلەت نامىنى دايۆگە ئۆزگەرتكەن. دۇڭجىڭنى (بۈگۈنكى خانۇي) پايتەخت قىلغان. تەختتە تۇرغان مەزگىدلە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنى بەش ئۆلكىگە ئايرىپ، ئۆلكىدە مۇھاپىزەتچى قوشۇن، قوشۇندا باش خوجىدار تەسىس قىلغان؛ تۆھپىكارلارنى مەنسەپكە قويغان؛ قانۇن چىقارغان؛ يەر، نوپوسنى تىزىملاپ، يەرنى تەڭ تەقسىم قىلىش قانۇنىنى يولغا قويغان، قپۇل قۇيدۇرۇپ، مەكتەپ قۇرۇپ، ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق مەنسەپكە قويغان.