Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
لېكوك
تارىخ
勒苛克
lè kē kè
دۇنيا تارىخى
勒柯克
lè kē kè
(1860 - 1930) فون. لېكول گېرمانىيىلىك ئارخېئولوگ. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا رۇسام بىلەن تۈركىيىدە سامائاردىكى ئارخېئولوگيىلىك قېزىش ئىشىغا قاتناشقان. 1900 - يىلى بېرلىندىكى خەلق ئۆرپ - ئادىتى مۇزېيىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئەرەب تىلى، پارس تىلى ۋە تۈرك تىلى قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەن. 1925 - يىلىدىن باشلاپ مۇشۇ مۇزېيىنىڭ شەرق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1902 - يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم (1902 - 1903، 1904 - 1905، 1905 - 1907، 1913 - 1914) جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىغا كېلىپ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن. كۇچا، تۇمشۇق رايونلىرىدىكى مىڭ ئۆيدىن نۇرغۇنلىغان تام سۈرەتلىرى، نەقىش، قول يازما ۋە ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى قاتارلىقلارنى ئېلىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە مانى دىنىغا ئائىت تام سۈرەتلىرى ۋە قول يازمىلىرى ئىنتايىن قىممەتلىك. ئۇنىڭ <ئېدىقۇت>، <مەركىزىي ئاسيادىكى قېزىلمىلار خاتىرىسى> دېگەنگە ئوخشاش ئەسەرلىرى بار.